Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سىمپلون تۇنېلى
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەر辛普朗
xīn pǔ lǎng
شۋېتسارىيە بىلەن ئىتالىيىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان. ئىتالىيىدىكى ئىسېلدىن شۋېتسارىيىدىكى برىگكە قەدەر سوزۇلىدۇ. 13 - ئەسىردىن باشلاپ شىمالىي ياۋروپا بىلەن جەنۇبىي ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم سودا يولى بولغان. بۇ تونېل 1905 - يىلى ياسالغان، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ۋەيران بولغان. 1921 - يىلى قايتا رېمونت قىلىنغان. تاغ ئېغىزىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2700 مېتىر، تونېل قېزىلغان يېرىنىڭ ئېگىزلىكى 700 مېتىر كېلىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 19.8 كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيادا ئەڭ ئۇزۇن تۇنېللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۋېتسارىيىنىڭ پايتەختى بېرىندىن ئىتالىيىنىڭ مىلان شەھىرىگە تۇتىشىدىغان تۆمۈريول مۇشۇ جايدىن ئۆتىدۇ
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.