Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سىممېرۋالد يىغىنى
دۇنيا تارىخى
齐美尔瓦尔得会议
qí měi ěr wǎ ěr dé huì yì
1915 - يىل 9 - ئاينىڭ 5، 8 - كۈنلىرى شۋېتسارىيىنىڭ سىممررۋالد دېگەن يېزىسىدا ئېچىلغان خەلقئارا سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ تۇنجى قۇرۇلتىيى. روسىىيە بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ تەشەببۇسى ئارقىسىدا، روسىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق ياۋرۇپادىكى 11 دۆلەتنىڭ 38 نەپەر ۋەكىلى قاتناشقان. قۇرۇلتايدا، لېنىن باشچىلىقىدىكى سولچى ئىنتېرناتسىئونالىزمچى (پەقەت سەككىز نەپەر) بىلەن ۋەكىلللەرنىڭ كۆپ سانلىقىنى ئىگىلىگەن بىتەرەپ كائۇتسكىچىلار ئوتتۇرىسىدا كەسكىن كۈرەش بولغان. قۇرۇلتايدا ماقۇللانغان خىتابنامىدا، شۇ چاغدا بولۇۋاتقان بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ جاھانگىرلىك ماھىيىتى كۆرسىتىپ بېرىلىپ، ئاغمىچىلارنىڭ <بازىل خىتابنامىسى>دىن يۈز ئۆرۈپ، ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن خىراجەت ئاجرىتىشنى قوللاپ ئاۋاز بېرىشۋە بۇرژۇئا ھۆكۈمتىگە قاتنىشىشتەك قىلمىشى ئەيىنلىنىپ، ياۋرۇپا پرولېتارىياتىنى جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشقا چاقىرغان. خىتابنامە ئاغمىچىلار ۋە سوتسىيال شوۋىنىزمدىن چەك - چېگرىنى ئاجرىتىش جەھەتتە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن. لېكىن ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال پارتىيىلىرىنىڭ ئاسىيلىقىنى بىۋاستە ئېچىپ تاشلىمىغان، بولشېۋىكلار پارتىيىسى ئوتتۇرغا قويغان جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى ئىچكى ئۇرۇشقا ئايلاندۇرۇش توغرىسىدىكى ئىنقىلابىي پرىنسىپلارنى قوبۇل قىلمىغان. مۇشۇ ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن بىللە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتابنامىنىڭ يىتەرسىزلىكلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ھەمدە لېنىن 8 - ئايدا يېزىپ پۈتتۈرگەن <سوتسىيالىزم ۋە ئۇرۇش> دېگەن ماقالىنى تارقاتقان. لېنىننىڭ ھەرقايسى ئەل ماركىسىزمچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، سىممېرۋالد سولچىلىرىنى تەشكىللەپ، ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنى قۇرۇش ئۈچۈن تەشكىلىي ئاساس سېلىپ بەرگەنلىكى قۇرۇلتاينىڭ ئەڭ زور مۇۋەپپىقىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.