Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سىلۋاشاۋيېر
دائىرە: دۇنيا تارىخى席尔瓦.沙维尔
xí ěr wǎ .shā wéi ěr
(1748 - 1792)برازىلىيە مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى. لەقىمى <چىش تارتقۇچى>. چىش دوختۇرى. تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسىر بولغان.1788 - يىلى مىناس جېرائىس شتاتىدا پورتۇگالىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوراللىق مەخپىي تەشكىلاتقا رەھبەرلىك قىلغان. مىللىي مۇستەقىللىك، جۇمھۇرىيەت قۇرۇش ۋە قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1789 - يىلى خائىننىڭ ئاشكارىلاپ قويۇشى بىلەن قولغا ئېلىنغان ھەمدە 1792 - يىلى 4 - ئايدا ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ سەپداشلىرىنىڭ تولىسى سۈرگۈن قىلىنىپ، ئېغىر ئەمگەككە سېلىنغان. كېيىن ئۇنى خاتىرلەش ئۈچۈن، رىئودې - ژانېيرودىكى پارلامېنت بىناسىغا <چىش تارتقۇچى سارىيى> دەپ نام بېرىلگەن. <چىش تارتقۇچىلار قوزغىلىڭى>غا قاراڭ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.