Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سىلسىيە ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
西里西亚战争
xī lǐ xī yà zhàn zhēng
پرۇسسىيە سىلسىيىنى تالىشىپ، ئاۋسترىيىگە قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇش. 1740 - يىلى پرۇسسىيە ئاۋسترىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ، ئاۋسترىيىگە قارشى ئىتتىپاققا قاتنىشىپ، ئۇنىڭ باي سانائەت شەھىرى سىلسىيىنى ئىگىلىۋېلىپ، بىرىنچى قېتىملىق ئۇرۇش (1740 - 1742)نى قوزغاپ، ئاۋسترىيىنى يەڭگەن. 1742 - يىلى ئۆز ئالدىغائاۋسترىيە بىلەن مەخپىي سۈلھ شەرتنامە ئىمزالاپ، ئاۋسترىيىنى تۆۋەن سىلىسىيىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبور قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن پرۇسسىيە يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلەپ يۇقىرى سىلسىيىنى قوشۇپ ئېلىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئاۋسترىيە رەت قىلىپ، ئىككىنچى قېتىملىق ئۇرۇش (1741 - 1745) پارتلاپ، ئاۋسترىيە يەنە بىر قېتىم يېڭىلگەن. 1745 - يىلى <درېزدىن سۈلھ شەرتنامىسى> ئىمزالاپ، پرۇسسىيە مارىيە تېرېسانىڭ ئاۋسترىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىشىنى ئېتىراپ قىلىش شەرتى بەدىلىگە پۈتكۈل سىلسىيىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان. 1748 - يىلى <ئاخېن سۈلھ شەرتنامىسى>دا مۇئەييەنلەشتۇرۈلگەن.