Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سىلىندىرسىمان تامغا
دائىرە: دۇنيا تارىخى圆柱形印章
yuán zhù xíng yìn zhāng
سۇمېر تامغىسى. ئۇرۇكنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان. كېيىن مېسسوپوتامىيە ۋادىسىدىلا ئەمەس، بەلكى شىد، ئېلام، پېرسىيە قاتارلىق جايلاردىمۇ كەڭ قوللىنىلغان. سىلىندىرسىمان تاش (ھاك تاش، تالىك، ھېقىق، ئۇيۇلتاش، قارا تاش قاتارلىقلار) ۋە قۇلۇلە قېپى، ئەينەك قاتارلىق ماتېرىياللارغاگېئومېتىرىك سىزىقلار، ھايۋانلار، دىنىي پائالىيەتلەر، رىۋايەتلەر سىلىندىر يۈزىگە ئويۇلۇپ، باسىدىغان چاغدا تامغا لاي تاختىسىنىڭ ئۈستىگە تۈز قويۇلۇپ، دومىلىتىپ ئىز چىقىرىلغان. بۇنداق تامغىدا ئوبراز ئاساس، خەت قوشۇمچە قىلىنغان. ئۇ ئىنتايىن نەپىس ئىشلەنگەن بولۇپ، سۇمېرلارنىڭ ئېسىل سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ بىرى دەپ قارالغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.