Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سېلليۇلوزا
دائىرە: بىئولوگىيە纤维素
xiānwéisù
نۇرغۇن β - گلۇكوزىنىڭ 1، 4 - گلۇكوزىد بېغى بويىچە بىرىكىشىدىن ھاسىل بولىدىغان تۈز زەنجىرلىك پولى ساخارىد بولۇپ ئۇ ئۆسۈملۈك ھۈجەيرە دىۋارىنىڭ مۇھىم تۈزگۈچى تەركىبى. ئۆسۈملۈك تېنىگە نىسبەتەن تىرەپ تۇرۇش ۋە قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. سۇ، سۇيۇق كىسلاتا، سۇيۇق ئىشقار ھەم ئادەتتىكى ئورگانىك ئېرىتكۈچىلەردە ئېرىمەيدۇ، لېكىن كىئوكسام ئېرىتمىسى ۋە سىنىك خلورنىڭ تۇز كىسلاتا ئېرىتمىسىدە ئېرىيدۇ، ناترىي گىدروكسىدى بىلەن بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن كاربون (Ⅳ) - سۇلفىدتا ئېرىيدۇ، ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان ئېرىتمە بىلەن سۈنئىي يىپەك ياسىغىلى بولىدۇ. قەغەز، سۈنئىي پاختا ياسايدىغان خام ئەشيادۇر. ئادەم ۋە ئادەتتىكى ھايۋانلار بىۋاستە ئادەم ۋە ئادەتتىكى ھايۋانلار بىۋاستە ھەزىم قىلىپ پايدىلىنالمايدۇ، لېكىن چۆپخور ھايۋانلار سېلليۇلوزىنىڭ 4 / 1 نى ئوزۇقلۇق قىلىپ پايدىلىنالايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەزىم قىلىش يوللىرىدا سېلليۇلوزا ئېنزىمى بولىدۇ. بەزى مىكرو ئورگانىزملاردا سېلليۇلوزا ئېنزىمى بولغانلىقتىن، ئۇنى گلۇكوزىغا پارچىلىيالايدۇ.
دائىرە: ئۇنىۋېرسال纤维索
xiān wéi suǒ
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.