Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سىكلوپس
بىئولوگىيە
剑水蚤
jiànshuǐzǎo
خەنجەرسىمان سۇ بۈرگىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ قاسىراقلىقلار سىنىپىنىڭ، يۆگىمەچ پۇتلۇقلار ئەترىتىگە كىرىدۇ. تېنى كونۇس شەكلىدە، لېكىن دۈمبىسى تومپايغان قۇرسىقى تۈز، تەن بوغۇملىرى ئېنىق، باش، كۆكرەك قىسمى بىلەن قورساق قىسمىنى پەرقلەندۈرۈشكە بولىدۇ. باش، كۆكرەك قىسمى ئېللىپس شەكلىدە بولۇپ، تېنىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، دۈمبە قىسمىنىڭ ئالدى تەرىپىدە بىر كۆز توچكىسى بولىدۇ. ئىككى جۈپ ئانتېننىسى ۋە بەش جۈپ كۆكرەك پۇتى بار. بىرىنچى ئانتېننىسى 12 - 17 بوغۇمغا بۆلۈنگەن، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن تېنىنىڭ ئوزۇنلۇقىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىپ، ئاساسلىق ئۈزگۈچى ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ. ئەركىكىنىڭ بىرىنچى ئانتېننىسى ئېگىلىپ قۇچاقلاش قولىغا ئايلانغان، كۆكرەك پۇتى بەش جۈپ، ئالدىنقى تۆت جۈپى ئىككىگە شاخلانغان ھەمدە قىلچىق تۈكلىرى كۆپ، بەشىنچى جۈپى رۇدىمېنتلىشىپ قىسقا، كىچىك تاق پۇتقا ئايلانغان. قورساق قىسمى تارراق، سېلىندىر شەكلىدە، پۇتلىرى يوق، ئاخىرقى ئۇچىدىكى قۇيرۇق ئاچىسى ئىككى، قۇيرۇق ئاچىسىدا بىر تۇتام قۇيرۇق تۈكى بولىدۇ، چىشىسىنىڭ قورساق قىسمىنىڭ ئىككى يېنىدا دائىم تۇخۇم خالتىسى ئېسىقلىق تۇرىدۇ. يۈرىكى يوق، قېنى ئۈچىيىنىڭ ھەرىكىتىگە تايىنىپ ئايلىنىدۇ. ژابراسىمۇ يوق، نەپەسلىنىش رولى پۈتۈن بەدەن سىرتى (پوستى) ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. تەرەققىيات جەريانىدا ھالەت ئۆزگەرتىش كۆرۈلىدۇ. بالا تەنە ۋە يېتىلگەن تەنىنىڭ ھەممىسى ئۈزۈپ ھايات كەچۈرىدۇ. بېلىقلارنىڭ تەبىئىي ئوزۇقلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بەزى تۈرلىرى پارازىت قۇرتلارنىڭ ئارىلىق خوجايىنى ھېسابلىنىدۇ.