Uyghurئاساسىي لۇغەت
سېكىلەك
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ماڭلاي چاچ، دوتەي چاچ، كوكۇلا.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
قىز، چوكان.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
پۇزا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خېمىرنى يېيىش، زوۋۇلىدىن جىلىت ئېچىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ياغاچ تاياق.
<نوغۇچ> ئۇزۇن بولىدۇ، چۆپ يېيىلىدۇ.
<پۇزا> قىسقا بولىدۇ، جىلىت ئېچىلىدۇ.
<خالو> قۇمۇل شېۋىسىدە <پۇزا>.
<سېكىلەك> تۇرپان شېۋىسىدە <پۇزا>.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەرگە تەگكەن ياش خوتۇن.
ئوغلۇڭ چوڭ بولسا يىگىت بولار، قىزىڭ چوڭ بولسا چوكان. ئاۋۇ چوكاننىڭ ھالىنى، ئۆتۈكۈمنىڭ نالىنى. تاشلاپ قاچىدىغان قىز بار، ئېلىپ قاچىدىغان جۇۋان. چىراغنىڭ ئۆچكىنى بورانغا غەم بولماس، يىگىتنىڭ ئۆلگىنى جۇۋانغا. چېچەن سېكىلەكنى ئوچاق بېشىدا سىنا.
شىۋىلەر
تۇرپان شىۋىسى
جىلىت ئاچىدىغان پۇزا.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
چوكان ( جۇۋان ).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قىزلارنىڭ ئۇششاق قىلىپ ئۆرۈۋالغان بىر قانچە چېچى.
ئەرگە چىققان قىزلارنىڭ جۇۋان بولغۇچە ئارىلىقتا چېكىسنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئۇزۇن قىلىپ قويۇۋالغان ماڭلاي چېچى.
ئوغلى تۇرمىغان كىشىلەرنىڭ بالاغەتكە يەتمىگەن يالغۇز ئوغلىنى كۆز تېگىشتىن ساقلاش ئۈچۈن، بېشىنىڭ سول تەرىپىگە قويۇپ قويىدىغان بىر ئۆرۈم چاچ.
يېڭى توي قىلغان، توي قىلىپ بالىلىق بولغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى چوكان.
- يۈرسىلە ئەمىسە، ئۆيىمىزنى تاپايلى، - دەپ ھېلىقى سېكىلەك قولۇمنى تۇتۇپ قازىخانىدىن سۆرەپ چىقتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پۇزا.