Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
思维型
پسىخولوگىيە
تەپەككۇرغا مايىل تىپ
پاۋلوۋ ئىقتىدارنى ئىككى خىل سىگنال سىستېمىسىنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن تىپلارغا بۆلگەنىدى. ئادەمدە بىرىنچى ۋە ئىككىنچى سىگنال سىستېمىسى بولىدۇ. لېكىن، بۇ ئىككى خىل سىگنال سستېمىسى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت تەڭداش بولمايدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ رولى بىردەك بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئۇلاردىن بىرسىنىڭ رولى چوڭراق، يەنە بىرىنىڭ كىچىكرەك بولۇشىمۇ مۇمكىن. بىرىنچى سىگنال سستېمىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندە، سەنئەتكە مايىل تىپ ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، سىرتتىن بىۋاسىتە ھاسىل قىلغان تەسىر رۇشەن، ئېنىق، خاتىرە بىلەن ئىدراكنىڭ ئوبرازلىقلىقى كۆرنەرلىك، خىيالغا باي، جانلىق بولىدۇ. ئىككىنچى سىگنال سىستېمىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندە، تەپەككۇرغا مايىل تىپ ئىپادىلىنىدۇ. بۇ بىلىش جەريانى ئانالىز قىلىش، ئابىستراكتىيلەش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقا مايىل بولۇپ، ئۇقۇم ئارقىلىق ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ۋە ھۆكۈم قىلىشقا ماھىر بولىدۇ، ئىككى خىل سىگنال سىستېمىسىنىڭ رولى بىر خىل بولغانلىرى ئوتتۇرا تىپقا ياتىدۇ. بۇ خىلدىكىلەردە ئالدىنقى ئىككى خىل تىپنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئارىلاش بولىدۇ. مۇتلەق كۆپ كىشلەر مۇشۇ خىلدىكى تىپقا كىرىدۇ. پەقەت ئاز ساندىكىلەرلا ئالدىنقى ئىككى خىل تىپنىڭ بىرىگە تەۋە بولىدۇ.