Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
斯陀
دۇنيا تارىخى
ستوۋې
(1811 - 1896) ئامېرىكىلىق ئايال يازغۇچى. كوننېستكۇت شتاتىدىكى پوپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق چېغىدىن باشلاپ كالۋىن دىنى ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى تۇرغان. 1851 - 1852-يىللىرى <توماس تاغىنىڭ كەپىسى> (بۇرۇنقى تەرجىمىسى <نېگىر قۇلنىڭ ئاھ - زارى>) دېگەن داڭلىق رومانىنى يېزىپ، قۇللۇق تۈزۈمنىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىپ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. بۇ كىتاب بىر يىل ئىچىدە 300 مىڭ پارچىدىن كۆپرەك سېتىلغان ھەمدە تىياتىر قىلىپ ئوينالغان، يەنە كۆپلىگەن ئەللەرنىڭ يېزىقىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇ يەنە ھاراقنى چەكلەش، ئاياللارنىڭ سايلام ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق ئىجىمائىي ئىسلاھات ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، 61 توملۇق ئەسەرلەر توپلىمى بار، ئەسەرلىرىنىڭ تولىسىدا ⅩⅨ ئەسىردىكى ئوتتۇرا بۇرژئازىيىنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.