Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
斯特凡.杜尚法典
دۇنيا تارىخى
ستېۋان دۇشان قانۇنى
سېربىيە كورۇلى ستېۋان دۇشان تەختتە تۇرغان مەزگىلدە تۈزۈلگەن قانۇن توپلىمى. 1349 - يىلى دىنىي، دەھرىي ئاقسۆڭەكلەر قاتناشقان سكوپلې يىغىنىدا ماقۇللىغان؛ 1354 - يىلى يەنەتولۇقلاپ تۈزۈلگەن. ئۇ سېربىيىدە ئادەتلەنگەن قانۇنلار خاتىرىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، يەنە رىم قانۇنلىرىنىڭ بەزى مەزمونلىرى قوبۇل قىلىنغان. بۇ قانۇندا فېئوداللارغا دۆلەتكە باج تاپشۇرۇشنى كەچۈرۈم قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ خوجىلىق يېرىدە ئادەتتىكى دېلولارنى بىرتەرەپ قىلىش ئىمتىيازى بېرىلگەن. دېھقانلارنى يەرگە چۈشەپ قويۇپ؛ قاچقانلارنىڭ تامغا بېسىشتەك دەھشەتلىك جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى؛ دېھقانلارنىڭ يېزىدا يىغىن ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئىككى قۇلىقى كېسىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. پراۋوسلاۋىيە چېركاۋى مۇھاپىزەت قىلىنغان، مەسىلەن: چېركاۋ فېئوداللىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ خوجىلىق يەرلىرىگە چېقىلىشقا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن، چېركاۋ سوتىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئېتىراپ قىلىنغان، ۋەھاكازالار. بۇ قانۇن ستېۋان دۇشان بويسۇندۇرغان كەڭ رايونلار - ماكېدونىيە، ئالبانىيە، ئېپىرۇس، تېسسالىي قاتارلىقلاردا يولغا قويولغان.