Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سېيېس
دائىرە: دۇنيا تارىخى西哀士
xī āi shì
(1748 - 1836) فرانسىيىلىك سىياسىي پائالىيەتچى. پروۋانىس ئۆلكىسىدىكى بىر ئوتتۇرا مۈلۈكدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە دىنىي تەربىيە ئېلىپ، دىنىي ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1787 - يىلى چارترنىڭ مۇئاۋىن ئېپىسكوپى بولغان. 1789 -يىلنىڭ بېشىدا <ئۈچىنچى تەبىقە دېگەن نىمە؟>نى يېزىپ، بۇرژۇئازىيەنىڭ تەبىقە ئىمتىيازىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىش ۋە ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. شۇ يىلى 5 - ئايدا پارىژدىكى ئۈچىنچى تەبىقە ۋەكىل بولۇپ، ئۈچ دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشقان. 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى <چويلا توپ مەيدانى قەسىمى>نى تۈزۈپ چىققان. ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كۆپلىگەن ئىسلاھات لايىھىلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپىنچىسى قوبۇل قىلىنمىغان، 1792 - يىلى 9 - ئايدا مىللىي ئۇيۇشمىغا سايلىنىپ، كورۇلنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشقا قوشۇلۇپ ئاۋاز بەرگەن، لېكىن كەسكىن پارتىيە - گۇرۇھ توقۇنىشىدا سۈكۈت قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولغان. 1794 - يىلى تومۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن تەيىنلىنىپ، دىپلوماتىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىنغان؛ ئارقىدىن بېرلىندا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىككە تەيىنلەنگەن. 1799 - يىلى 5 - ئايدا تەپتىش ھۆكۈمىتىنىڭ تەپتىشلىكىگە تەيىنلىنىپ، ناپولېئون بىلەن بىللە تۇمانلىق ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىنى پىلانلىغاندىن كېيىن، ئىجرائىي ھۆكۈمەتنىڭ ۋاقىتلىق ئىككىنچى ئىجراچىسى بولغان. تەييارلاپ چىققان 1799 - يىلدىكى ئاساسىي قانۇنغا ناپولېئون زور تۈزىتىشلەرنى كىرگۈزگەن؛ كېيىن ئىجرائىي ھۆكۈمەتتىن چىقىرىلىپ، سېناتنىڭ باشلىقى بولغان. 1808 - يىلى ئىمپېرىيە كومتې دەپ بەلگىلەنگەن. 1815 - يىلى بوربون سۇلالىسى تىرىلگەندىن كېيىن، بېلگىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1830 - يىلى ئىيۇل ئىنقىلابىدىن كېيىن، ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاقسۆڭەكلىك مەرتىۋە بېرىلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.