Uyghurئاساسىي لۇغەت
سىيرىيام جېڭى
دۇنيا تارىخى
بىرمىدىكى ئالوڭپايا خاندانلىقىنىڭ سىيرىيام (ھازىرقى رانگون شەھىرىنىڭ شەرقى جەنۇبىي قىسمىدا)نى ئېلىش جېڭى. ئالۇڭپا يارانگوننى ئالغاندىن كېيىن، 1756 - يىلى مونلار ئىشغال قىلىۋالغان دېڭىز بويىدىكى سىيرىيامغا ھۇجۇم قىلغان. مونلار ئارمىيىسى مۇداپىئەسىنىڭ پۇختا بولۇشى ئۇنىڭ ئۈستىگە فرانسۇزلارنىڭ ياردەم بېرىشى بىلەن، بۇ يەرنى ئېلىش بەك تەس بولغان. ئالۇڭپايا بۇ يەرنى ئېلىش ئۈچۈن <سىيرىيام ئالتۇن روتىسى>دەپ ئاتىلىدىغان 93 كىشىلىك پالۋانلاردىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار ئەترىتىنى تاللاپ سالغان. 7 - ئاينىڭ بىركېچىسى <سىيرىيام ئالتۇن روتىسى> نىڭ پالۋانلىرى قارشى تەرەپ مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ تەييارلىقسىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، شىددەت بىلەن شەھەرگە كىرىپ، زور غەلىبە قازانغان، سىيرىيامنى ئالغان. ئۇزۇن ئۆتمەي فرانسىيىنىڭ مونلارغا ياردەم قىلغان ئىككى ھەربىي پاراخوتى سىيرىيامغا كەلگەن، بۇمۇ غەنىمەت ئېلىنغان.