Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
四强公约
دۇنيا تارىخى
تۆت كۈچلۈك دۆلەت ئەھدىنامىسى
تولۇق ئاتىلىشى <فرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، ئىتالىيىلەرنىڭ ئۆزئارا ئەپۇ قىلىش ۋە ھەمكارلىشىش كېلىشىمى>. 1933-يىل 7-ئاينىڭ 15 - كۈنى ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيىلەر رىمدا ئىمزالىغان. ئاساسلىق مەزمۇنى: ئەھدىلەشكەن ھەر قايسى تەرەپلەر ئۆزلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەسىلىلەرنى ئورتاق مەسلىھەتلىشىپ ھەل قىلىدۇ، ياۋروپانىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار بارلىق مەسىلىلەردە ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ؛ ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر خەلقئارا ھەربىي تەييارلىقلارنى قىسقارتىش يىغىنلىرىدا ھەل بولۇنماي كېلىۋاتقان مەسىلەرنى ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىش يولى بىلەن ھەل قىىدۇ؛ ئەھدىلەشكەن ھەرقايسى دۆلەتلەر <ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى> نىڭ ۋاقتى ئۆتكەن مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىنى بىرلىكتە تەكشۈرىدۇ، دېگەنلەردىن ئىبارەت. بۇ شەرتنامە ئەنگلىيە، فرانسىيە ھۆكۈمران گۇرۇھىنىڭ خەلقئارا ئىتتىپاقتىن چەتلەپ، گېرمانىيە - ئىتالىيە فاشىستلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش خاھىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. لېكىن جاھانگىرلىك زىددىيىتىنىڭ كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىشى ھەمدە ياۋروپادىكى باشقا ئوتتۇرا، كىچىك دۆلەتلەرنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن، بۇ ئەھدىنامىنى تۆت دۆلەت ھۆكۈمرانلىرى تەستىقلىمىغان.