Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
寺内寿一
دۇنيا تارىخى
تېرائۇچى خېسائىچى
(1879 - 1946) ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى، ئۇرۇش جىنايەتچىسى. ياماگۇچى ناھىيىسىدىن. مىلتارىست تېرائۇچى ماساتاكېنىڭ ئوغلى. 1909 - يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. مۇھاپىزەتچىلەر دىۋىزىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى، چاۋشيەن ئارمىيىسى شتاب باشلىقى، بەشىنچى ۋە تۆتىنچى دىۋىزىيىلەرنىڭ باشلىقى، تەيۋەن ئارمىيىسى قوماندانى بولغان. <26-فېۋال> ۋەقەسىدىن كېيىن، خىروتا كوككى كابىنېتى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ۋەزىرى بولغان (1936 - 1937). <يەتتىنچى ئىيۇل> ۋەقەسىدىن كېيىن، خىروتا كوكى كابىنېتى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ۋەزىرى بولغان 1937 - يىلى 8-ئايدىن 1938-يىلى 11-ئايغىچە <شىمالىي جۇڭگو يۆنىلىش ئارمىيىسى> نىڭ قوماندانى بولغان. تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى مەزگىلىدە، جەنۇبىي يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1945-يىلى ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، سىنگاپوردا قاماقتا ئۆلگەن.