Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
斯拉夫人
دۇنيا تارىخى
سلاۋىيانلار
قەدىمقى زاماندا ياۋروپادا ياشىغان ئۈچ چوڭ قەبىلە (گېرمانلار، كرىتلار، سلاۋىيانلار) نىڭ بىرى. ھىندى - ياۋرۇپا تىل سېستىمىسىنىڭ سلاۋىيان تىل تۈركۈمىگە كىرىدۇ. دەسلىپىدە ئاساسەن ۋىسفا دەرياسىنىڭ شەرقىي، كارپات تېغىنىڭ شىمالىي، دىنېپىر دەرياسىنىڭ غەربى، بالتىق دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ رايونلارغا تارقالغان. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1000 - يىللار ئۆپچۆرىسىدە شەرقىي سلاۋىيانلار ۋە غەربىي سلاۋىيانلاردىن ئىبارەت ئىككى قىسىمنى شەكىللەندۈرۈپ، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇلار توغرىسىدىكى مەلۇمات مىلادىنىڭ باشلىرىدا رىم يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە كۆرۈلگەن. چوڭ پلىنۇس ۋە تاتسىتۇس ئۇلارنى ۋېنېدلار دەپ ئاتىغان. ئۇلارنىڭ جايلاشقان يەرلىرى يىراق بولغانلىقتىن،رىم دۇنياسى بىلەن ئۇچرىشىشى گېرمانلار ۋە كرىتلاردەك قويۇق بولمىغان، رىملىقلارنىڭ تەسىرىگىمۇبىرقەدەر ئاز ئۇچرىغان. مىلادى Ⅵ ئەسىردىن Ⅶ ئەسىرگىچە ئۇلارنىڭ بىرقىسمى جەنۇبقا كۆچۈپ، دوناي دەرياسى ۋادىسىغا ۋە بالقان يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان، شۇنىڭ بىلەن ئۈچىنچى قىسمىنى، يەنى جەنۇبىي سلاۋىيانلارنى شەكىللەندۈرگەن؛ ۋېزانتىيە قۇللۇق تۈزۈمنىڭ فېئوداللىق تۈزۈمگە ئۆزگىرىشىدە، سلاۋىيانلارنىڭ كوممۇنا تۈزۈمى بەلگىلىك رول ئوينىغان، دەپ قارىلىدۇ. مىلادى 1000 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا، ئۇلار تۆمۈر قوراللارنى كەڭ قوللىنىپ، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرغان، ھەرخىل قول سانائەت بارلىققا كەلگەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، ئىپتىدائىي كوممۇنا تۈزۈمى يىمىرىلىشكە يۈزلەنگەن. مىلادى 1000 - يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ھەرقىسىم سلاۋىيانلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ،بەزى فېئودال دۆلەتلەرنى قۇرغان. جەنۇبىي سلاۋىيانلار بۇلغارىيە، سېربىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى؛ شەرقىي سلاۋىيانلار كېيۋ روسنى؛ غەربىي سلاۋىيانلار چېخىيە، پولشا قاتارلىق دۆلەتلەرنى بەرپا قىلغان. بالتىق دېڭىزىنىڭ بويىدىكى سلاۋىيانلار گېرمان فېئوداللىرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئۇزاق مۇددەت تۇرغان. Ⅸ ئەسىردىن Ⅹ ئەسىرگىچە، سلاۋىيانلار خىرستىئان دىنىنى ئارقا - ئارقىدىن قوبۇل قىلغان (كېيىن ئاساسەن پراۋوسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلغان). تارىختىكى ھەرخىل ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن، ھازىر سلاۋىيانلارنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ئاساسەن مۇنداق: شەرقىي سلاۋىيانلاررۇسلار، ئۇكرائىنلار ۋە بېلوروسلارنى؛ غەربىيسلاۋىيانلار پولشالىقلار، چېخلار، سلوۋاكلار قاتارلىقلارنى؛ جەنۇبىي سلاۋىيانلار بۇلغارلار، سېربلار، كرودىيىلىكلەر، سلوۋېنىيىلىكلەر، ماكېدونىيىلىكلەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگەئالىدۇ. شەرقىي ياۋرۇپا رايونىدىن باشقا جايلارغا كۆچكەن سلاۋىيانلارنىڭ سانى كۆپ ئەمەس.
ئۇنىۋېرسال
sī lā fū rén
سلاۋلار
Dتارىخ
sī lā fū rén
سلاۋىييانلار