Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
斯芬克司
دىن
sī fēn kè sī
希
سفىنكس
دۇنيا تارىخى
سفىنكس
شىر تەنلىك، ئادەم يۈزلۈك ھەيكەل. قەدىمكى زاماندىكى بىر خىل غايەت زور تاش ھەيكەل بولۇپ، ئادەتتە شىر تەنلىك ياكى ھايۋان تەنلىك، ئادەم يۈزلۈك قىلىپ ياسالغان. ئەڭ داڭلىق سفىنكس قەدىمكى مىسىرنىڭ تۆتىنچى سۇلالىسىنىڭ فىرئەۋىنى ھافرا قاھىرە ئەتراپىدىكى گىزا دېگەن جايدا ئۆز ئىھرامىنىڭ يېنىغا ياساتقان سفىنكس بولۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 20 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 57 مېتىر كېلىدۇ. بۇ سفىنكس بىر پارچە غايەت زور قورام تاشتىن ئويۇپ ياسالغان، ئېيتىلىشىچە يۈزى ھافرانىڭ يۈزىگە تەقلىد قىلىنغان بولۇپ، فىرئەۋىنلەرنىڭ سۈرلۈكلۈكىنىڭ سىمۋولى ئىكەن. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ناپولېئون يىراققا يۈرۈش قىلىپ مىسىرغا بېسىپ كىرگەندە، بۇ سفىنكسقا فرانسىيە ئارمىيىسىنى زەمبىرەك ئوقى تېگىپ كېتىپ، يۈز قىسمى زەخىملەنگەن. قەدىمكى ئاسسۇرىيە ۋە فىنكىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ سىفىنكسلار بولۇپ، تولىسى مىسىرنىڭكىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان. ھازىر <سفىنكس> دېگەن سۆز كۆپىنچە ئىمارەتلەر ياكى ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى بىزەيدىغان ھەر خىل ئادەم باشلىق كالا باشلىق، قوي باشلىق ھايۋان تەنلىك نەقىشلەرنى كۆرسىتىدۇ.