Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
斯蒂文生
دۇنيا تارىخى
ستېۋېنسون
(1850 - 1894) ئەنگىليىلىك يازغۇچى، شائىر، يېڭى رومانتىزمچىلارنىڭ ۋەكىلى. شوتلاندىيىنىڭ ئېدىنبۇرگ دېگەن جايىدا تۇغۇلغان. كىچىكىدىنلا تېنى ئاجىز، كېسەلچان بولۇپ، سىل كېسىلى بىلەن ئاغرىغان. ياش ۋاقتىدا بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى ئۆگەنگەن، كېيىن قانۇن ئۆگىنىپ، ئادۋوكات سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن، ئەمما ساياھەت قىلىشۋە يېزىقچىلىققا قىزىققان. دەسلەپكى ئەسەرلىرىدە ساياھەت خاتىرىسى ئاساس قىلىنغان، مەسىلەن: <ئىچكىرىگە ساياھەت>، <ئېشەكلىك ساياھەت> قاتارلىقلار. كېيىنكى ئەسەرلىرىنىڭ تولىسىدا ئويدۇرما ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلەر ۋە تارىخىي تېما ئاساس قىلىنغان، مەسىلەن: <يېڭى مىڭ بىر كېچە>، <ئالتۇن - كۈمۈش ئارىلى>، <مۇجەسسەم دوكتور>، <باغلاش>، <قارا يا ئوقى> قاتارلىقلار. تەسەۋۋۇردىكى دۇنياغا ھەددىدىن ئارتۇق چۆمۈلگەنلىكى ئۈچۈن،ئەسەرلىرىنىڭ رېئال ئەھمىيىتى ئاجىزلىشىپ كەتكەن. 1887 - يىلى ئامېرىكىغا كۆچۈپ بارغان. 1890 - يىلىدىن كېيىن تىنچ ئوكياندىكى سامويا تاقىم ئاراللىرىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئەنگىلىيە، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيىلەر سامويانى تالاشقان چاغدا، ئۇ سامويا خەلقىغە ھېسداشلىق قىلغان.