Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
斯丹博利斯基
دۇنيا تارىخى
ستامبولىيىسكىي
(1879 - 1923)بۇلغارىيە دېھقانلار ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى.گېرمانىيەنىڭ ھاللې يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن ئاخبارات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1908 - يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان ھەمدە دېھقانلارنى تەشكىللەپ دېھقانلار جەمئىيىتى قۇرۇشقا كىرىشكەن. 1915 - يىلى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشقا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە سولانغان. 1918 - يىلى 9 - ئايدا تۈرمىدىن چىققان. ئىككىنچى يىلى 1 - ئايدا ئىچكى كابىنىتنىڭ ئەزاسى بولغان، 10 - ئايداباش ۋەزىرلىككە تەيىنلەنگەن. 1920 - يىلى 5 - ئايدا دېھقانلار ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنى ئۇيۇشتۇرغان. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، چوڭ بۇرژۇئازىيەنىڭ مەنپەئىتىنى چەكلەيدىغان بەزى سىياسەتلەرنى ۋە دېھقانلارغا دائىر ئىسلاھاتچىلىق تەدبىرلىرىنى قوللانغان، ئەمما ئىشچىلار سىنىپىغا ۋە كوممۇنىستىك پارتىيىگە دۈشمەنلىك بىلەن قارىغان. 1923 - يىلى سېنكوۋ سىياسىي ئۆزگىرىشىدە ئۆلتۈرۈلگەن. <نوپۇز، ھۆكۈمەتسىزلىك ۋە دېموكراتىيە>، <سىياسىئوندا بولۇشقا تىگىشلىك خىسلەت> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.