Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
丝虫
بىئولوگىيە
قىل قۇرت
فىلارىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يىپچە قۇرت سىنىپىنىڭ قىل قۇرتلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئادەم تېنىدە پارازىتلىنىدىغان قىل قۇرتلاردىن مەملىكىتىمىزدە بانكروفىت قىل قۇرتى (wuchereria bancrorti) ۋە مالاي قىل قۇرتى (Brugia malayi) بار. ئىككى خىل يېپچە قۇرتنىڭ مورفولوگىيىسى ئوخشاش بولۇپ، سۇت رەڭ، يىپسىمان، ئەركەك قۇرتنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 40 مىللىمېتىر، قۇيرۇق قىسمى ئىگىلىگەن بولىدۇ. چىشى قۇرتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 001 مىللىمېتىرغا يېتىپ قۇيرۇق قىسمى تۈزرەك بولىدۇ. يېتىلگەن قۇرت ئادەمنىڭ لىمفا تومۇرلىرىدا پارازىتلىنىدۇ. تۇخۇم تۆرەلمىسى ئارقىلىق كۆپىيىدۇ. تۇغۇلغاندىلا لىچىنكا بولۇپ تۇغۇلۇپ، <مىكروفىلارىيە> دېيىلىدۇ. ئىنچىكە - ئۇزۇنچاق تۇرۇبا شەكىللىك، دولقۇنسىمان ئېگىلىگەن، بېشى دىقماق، قۇيرۇقى ئىنچىكە - تار، سىرتىدا غىلىپى بولىدۇ. مىكروفىلارىيە لىمفا ئايلىنىشى ئارقىلىق قان تومۇرىغا كىرىدۇ. ھەمدە كېچىلىرى، پارازىت خوجايىنىنىڭ ئەتراپ قان سۇيۇقلۇقىدا دەۋرى ھالدا پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. پاشا قان شورىغان چاغدا پاشىنىڭ تېنىگە كىرىپ ھەزىم قىلىش يولىدا غىلىپىنى تاشلاپ ئىنچىكە - ئۇزۇن ھالەتكە ئۆزگىرىپ، يۇقۇش خاراكتېرلىك قىل قۇرت لىچىنكىسى بولۇپ يېتىلىدۇ. ئاندىن يەنە پاشىنىڭ قان شورىشى ئارقىلىق ساغلام ئادەمگە يۇقۇپ فىلاروز كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ لىمفا تومۇرى ياللۇغى (لىمفانگىت)، خىلۇس سىيىش ۋە قىل قۇرت ئىششىقى (ئىسلو نوۋوست) قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. بانكروفىت قىل قۇرتى سۈيدۈك كۆپىيىش سىستېمىسىدا قورساق بوشلۇقىنىڭ ئىچكى لىمفا تومۇرلىرىدا، شۇنىڭدەك پۇتنىڭ چوڭقۇر قاتلام لىمفا سىستېمىسىدا ياشاپ پۇت ۋە ئۇرۇقدان خالتىلىرىنىڭ پىلتاپان ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مالاي قىل قۇرتى ئادەتتە پۇت - قوللارنىڭ بولۇپمۇ پۇتنىڭ لىمفا تومۇرلىرىد پارازىت ياشاپ دائىم پۇت لىمفانگىتى ۋە پۇت پىلتاپان ئىششىقلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تېببىي
sī chóng
قىلقۇرتDئۇنىۋېرسال
sī chóng
فىلارىيە قىل قۇرتى