Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سىياسىي - ئىقتىساد مۇلاھىزىلەر
دۇنيا تارىخى
政治经济评论
zhèng zhì jīng jì píng lùn
كوممونىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي نەزەرىيىۋى ژورنىلى. <يېڭى رېين گېزىتى>نى داۋامى. 1849 - يىلى 12 - ئايدا ماركىس بىلەن ئېنگېلس تەرىپىدىن چىقرىلغان. تەھرىر بۆلۈمى لوندوندا بولۇپ، گېرمانىيىدىكى گامبورگدا بېسىلغان. جەمئىي ئالتە سان چىقىرىلغان. ژورنالنىڭ كۆپلىگەن ماقالىلىرىنى ماركىس بىلەن ئېنگېلس يېزىپ بەرگەن. ژورنال ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ماركىسنىڭ <1848 - يىلىدىن 1850 - يىلىغىچە فرانسىيىدە بولغان سىنىپىي كۈرەش> ئېنگېلسنىڭ <گېرمانىيىدە ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنىنى قوغداش ھەرىكىتى> ۋە <گېرمانىيىدىكى دېھقانلار ئۇرۇشى> قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپ، 8481 - 1849 - يىللىرىدىكى ياۋروپا ئىنقىلابىنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، پرولېتارىيات ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا غايەت زور رول ئوينىغان. بۇ ژورنال پرۇسسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى ۋە ئىقتىساد يېتىشمەسلىك تۈپەيلىدىن 1850 - يىلى 11 - ئايدا نەشىر قىلىنىشتىن توختىغان.