Uyghurئاساسىي لۇغەت
سىياسەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سىياسەت؛ ھۆكۈمرانلىق قىلىش؛ باشقۇرۇش.
قەتل:
تەدبىر، چارە؛ ھۆكۈمرانلىق قىلىش؛ ھۆكۈمرانلىق قىلىشتا قول ئاستىدىكىلىرىنى جازالاش، قورقۇتۇش يوللىرى بىلەن ئىتائەت قىلدۇرۇش:
تولغاسە بوينىنى بۇ ئالەمدە ئەمرىڭدىن كىشى،
قىل سىياسەت تىغ ئىلە رىشتەئى ئومرىن ئەدا.
قەلەندەر.
3. رىسالەتىڭ دەمىدىن شەرئى كۆزگۈسىگگ جىلا،
سىياسەتىڭ ئتىدىن كۇفر راكىبىغە جەلا.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سىياسىي؛ سىياسەت، يۆنۈلۈش؛ سىياسىي تۈزۈم؛ ئىدارە قىلىش، باشقۇرۇش، ھۆكۈمرانلىق؛ جازا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دۆلەت ھاكىمىيىتى ياكى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇش، سىرت بىلەن ئالاقە باغلاش ھەمدە بەلگىلىك تارىخىي شارائىت ئىچىدىكى لۇشيەنىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تۈزۈپ چىققان ھەرىكەت مىزانى ياكى تۇتقان يولى.
ئىچكى سىياسەت. تاشقى سىياسەت. زىيالىيلار سىياسىتى.
كۆچمە. دوق، قورقىتىش، پوپوزا.
سىياسەت قىلماق.