Uyghurئاساسىي لۇغەت
سى ياكى سى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تەۋەلىك (ئىزافەت) قوشۇمچىسى بولۇپ، ئىسىملارنىڭ ئاخىرىغا ئۇلىنىدۇ. سۆزنىڭ ئاخىرى ساكىن بولسا، « سى ياكى سى» كېلىدۇ. ھەرىكىلىك بولسا، «ى _ يا» كېلىدۇ. « ئاتا _ ئاتا» سۆزىنىڭ ئاخىرىدىكى «ا _ ئېلىف» ساكىنلىق بولغاچقا، تەۋەلىك قوشۇمچىسى قوشۇلغان ھامان « ئانىڭ ئاتاسى _ ئۇنىڭ ئاتىسى» دېيىلىدۇ. « ئانا _ ئانا» سۆزىمۇ شۇنداق. بۇ سۆزنىڭمۇ ئاخىرىدىكى «ا _ ئېلىف» ساكىنلىق بولغاچقا، تەۋەلىكنى بىلدۈرگەندە « ئانىڭ ئاناسى _ ئۇنىڭ ئانىسى» دېيىلىدۇ. ئەمما ئىككى «ى _ يا» بىلەن « ئانىڭ ئاتايى» دېيىلمەيدۇ، بۇنداقتا ئۈچ ھەرپى لىن بىر سۆزگە توپلىشىپ قالىدۇ. سۆزلەشتە يېقىملىق بولسۇن ئۈچۈن، ھەرپى لىننىڭ ئوتتۇرىدىكىسى «س _ s» غا ئالماشتۇرۇلىدۇ.
لېكىن ئاخىرقى ھەرپىگە ھەرىكە بېرىلىدىغان « ئوغۇل _ ئوغۇل» سۆزى تەۋەلىك قوشۇمچىسى قوشۇلغاندا « ئانىڭ ئوغلى _ ئۇنىڭ ئوغلى» دېيىلىدۇ. تەۋەلىك قوشۇمچىسى قوشۇلۇپ «ل _ L» ھەرىكىلىك بولغاچقا، «س _ s» غا ئېھتىياج قالمايدۇ. « ئات _ ئات» سۆزىگە تەۋەلىك قوشۇمچىسى قوشۇلغاندا « ئانىڭ ئاتى _ ئۇنىڭ ئېتى» دېيىلىدۇ. «ت _ t» ھەرپى ھەرىكىلىك بولغاچقا، «س _ s» ھەرپىگە ئېھتىياج قالمايدۇ.
پۈتۈن تۈركى تىللاردىكى ھەممە ئىسىملار ئۈچۈن قائىدە مۇشۇ. يەنى تەۋەلىك قوشۇمچىسىنى قوشۇشتا سۆز ئاخىرىدىكى ھەرپنىڭ ساكىنلىق ياكى ھەرىكىلىك بولۇشىغا قارىلىدۇ. (مەھمۇت قەشقەرى بۇ قائىدىلەرنى بېرىشتە ئەرەپچىنى كۆزدە تۇتقان. بۈگۈنكى تىلىمىزدا قائىدە بۇنىڭ ئەكسىچە بېرىلىدۇ).
3 - 290