Uyghurئاساسىي لۇغەت
شىئەندىكى داشۆشىخاڭ مەسچىتى
دائىرە: ئىسلام ئاتالغۇلىرىبۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدىكى داشۆشىخاڭ ( بۇرۇنقى ئىسمى شىنشىڭخاڭ ) دا. بۇرۇن « مەسچىت »، « شىئەن جامەسى » دەپ ئاتالغان. بۇ مەسچىت 705 _، 742 _، 1263 _ يىلى سېلىنغان، دېگەن گەپلەر بار. 1297 _، 1384 _، 1413 _ يىللىرى چوڭ رېمونت قىلىنغان. كۆلىمى خۇاجۆ مەسچىتىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمغا تەڭ كېلىدۇ. ئىمارەتلىرىنىڭ سېلىنىشى، ئىشىك _ دېرىزىلىرى، پەلەمپەي _رىشاتكىلىرى جۇاجۆ مەسچىتىنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ھازىر ساقلىنىپ قالغان ئابىدىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكتىن، مەسچىت تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.