Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
شېۋچېنكو
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى舍甫琴柯
shě fǔ qín kē
دائىرە: دۇنيا تارىخى谢甫琴科
xiè fǔ qín kē
(1814 - 1861) ئوكرائىنالىق شائىر، رەسسام، ئىنقىلابىي دېموكرات. يانچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، بالىلىق چېغىدىلا ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلىپ، بالا مالايغا ئايلانغان. 17 يېشىدا پېتربۇرگقا بېرىپ زىننەت رەسىمى سىزىشقا شاگىرت بولغان. 1838 - يىلى شائىر روكوۋسكى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە ئەركىنلىككە ئېرىشىپ، پېتربۇرگ گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا كىرىپ رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەن ھەمدە شېئىر يېزىشقا باشلىغان. 1840 - يىلى تۇنجى شېئىرلار توپلىمى <كوبزار ناخشىچىسى>نى ئېلان قىلىپ، ئوكرائىن ئەمگەكچىلىرىنىڭ جاپالىق تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. <گايداماكلار> داستانى (1841 - يىلى)دا 1768 - يىلىدىكى ئوكرائىنا دېھقانلار قوزغىلىڭىنى تەسۋىرلىگەن. ھەجۋىي شېئىرى <چۈش> ۋە قىسقا شېئىرى <كاپكاز> لاردا يانچىلىق تۈزۈمىنى سۆكۈپ، چارروسىيەنىڭ ھەرمىللەت خەلقلىرىنىڭ زىندانى ئىكەنلىكىنى پاش قىلغان. 1845 - يىلى گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، كىيېۋ داشۆسىنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1847 - يىلى مەخپىي تەشكىلاتقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، دەسلەپ ئارمىيىگە ئەۋەتىلگەن، كېيىن سۈرگۈن قىلىنغان. بۇ مەزگىلدە <كىنەز قىزى>، <سۈرگۈندىكى مەھبۇس>، <چار پادىشاھ> داستانلىرىنى ۋە <سەنئەتكار>، <مۇزىكانت> پوۋېستلىرىنى يازغان. 1857 - يىلى قويۇپ بېرىلگەن. 1859 - يىلى ئوكرائىناغا قايتىپ بېرىپ، خەلقنى چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىتلىك تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا چاقىرغان. 1861 - يىلى پېتربۇرگتا كېسەلدىن ئۆلگەن. سىزغان رەسىملىرىنىڭ تولىسىدا ئوكرائىنا خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ئىپادىلەنگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.