Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
شۇتېم
دائىرە: دۇنيا تارىخى旭当
xù dāng
(1885 - 1963) فرانسىيە زۇڭلىسى (1930، 1933 - 1934، 1937 - 1938). فرانسىيە رادىكال سوتسىيالىستلار پارتىيىسى داھىيلىرىنىڭ بىرى. پارىژدا تۇغۇلغان. دەسلەپتە ئادۋوكات بولغان. 1919 - يىلدىن باشلاپ پارلامېنت ئەزاسى بولغان، 1934 - يىلدىن باشلاپ كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى (1924، 1925 - 1926، 1930، 1932 - 1934)، ئەنگىلىيە مىنىستىرى (1925)، دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى (1936 - 1937) ۋە مۇئاۋىن زۇڭلى (1938 - 1940) بولغان. 1937 - يىلى خەلق سېپى نامىدىن كابىنېت تەشكىللىگەن. لېكىن خەلق سېپىنىڭ پروگراممىسىنى ئىجرا قىلمىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فاشىست گېرمانىيىسىگە تەسلىم بولۇشقا قوشۇلغان. ھەمدە ۋىشى ھۆكۈمىتىگە قاتناشقان. 1940 - يىلى ئامېرىكىغا ئەلچى بولۇپ بارغان. 1947 - يىلى سىرتتىن بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، پۇقرالىق ھوقۇقىدىن ئۆمۈرلۈك مەھرۇم قىلىنغان. ۋاشىنگتوندا ئۆلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.