Uyghurئاساسىي لۇغەت
شۇڭقار
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. بۈركۈت تىپىدىكى ناھايىتى كۈچلۈك، يىرتقۇچ ئوۋچى قۇش.
پاقىنىڭ بەختىدىن شۇڭقارنىڭ شورلۇقى ئەلا (ماقال).
سۈپ. كۆچمە. باتۇر، قەھرىمان، مەرد، پالۋان.
سىيتئاخۇن - سىيىت گاڭگۇڭ، جېنىدىن جۇدا بولدى. ئەزىزانە قەشقەرنىڭ شۇڭقارى ئادا بولدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
شۇڭقار، شۇڭقاردەك ئالغۇر كىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
شۇڭقار، شۇڭقاردەك ئالغۇر يىگىت. باشقا شەكىللىرى: شۇڭقارئالپ، شۇڭقارباي، شۇڭقاربەگ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
بىر خىل قۇش ئىسمى (قارچۇغا)