Uyghurئاساسىي لۇغەت
شۇنداق قىلىپ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
باغلىغۇچى، ئالدىنقى جۈملىنى كېيىنكى جۈملىگە باغلايدۇ، ئالدىنقى جۈملىدە بايان قىلىنغان ئش - ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسىدە كېيىنكى ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتتۇم، ۋاقىتنى بوش ئۆتكۈزمىدىم، شۇنداق قىلىپ، مەلۇم نەتىجە قازاندىم. مەسىلىنى چوڭقۇر تەكشۈردۇق، شۇنىڭ بىلەن ھەقىقىي ماتېرىيالغا ئېرىشتۇق. ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردۇق، شۇنىڭ ئارقىسىدا شەھەر تازىلىقىدا زور نەتىجىگە ئىگە بولدۇق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۆزلىنىۋاتقان ئىش - ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسى ئىپادىلەنگەن جۈملىنىڭ بېشىدا كېلىپ <ئاخىر، ئاقىۋەت> دېگەنگە ئوخشاش مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.
كۈندۈزدە ئۆزىمىزنى يوشۇردۇق، تۈندە يول يۈردۇق، شۇنداق قىلىپ، سالامەت ھالدا يۇرتقا بېرىۋالدۇق.