Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
شۇمان پىلانى
دائىرە: دۇنيا تارىخى舒曼计划
shū màn jì huà
يەنى <ياۋروپا كۆمۈر - پولاتنى بىرلىكتە باشقۇرۇش> پىلانى. 1950 - يىلى 5 - ئايدا، فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شومان فرانسيە بىلەن فىدىراتىپ گېرمانىيەنىڭ كۆمۈر - پولات ئىشلەپچىقىرىشىنى <دۆلەتتىن تاشقىرى> بىر ئاپپاراتنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىغا قويۇشنى تەكلىپ قىلغان. 1951 - يىلى 4 - ئايدا، فرانسيە، فېدېراتىپ گېرمانىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، ليوكسىمبۇرگتىن ئىبارەت ئالتە دۆلەت مۇشۇ پىلانغا ئاساسەن، پارىژدا مۇددىتى 50 يىللىق <پاۋروپا كۆمۈر - پولاتنى بىرلىكتە باشقۇرۇش شەرتنامىسى>نى ئىمزالاپ، ئالتە دۆلەت دائىرىسىدە كۆمۈر - پولات چېگرا بېجىنى ۋە ئىمپورت چەكلىمىسىنى پەيدىنپەي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، كۆمۈر - پولات ئورتاق بازىرى قۇرۇش قاتارلىقلارنى بەلگىلىگەن. بۇ شەرتنامە ئىككىنچى يىلى 7 - ئايدا كۈچكە ئىگە بولغان، 8 - ئايدا بىرلىكتە باشقۇرۇشنىڭ <دۆلەتتىن تاشقىرى> ئالىي ئاپپاراتى قۇرۇلغان. 1967 - يىلى 7 - ئايدا ياۋرۇپا كۆمۈر - پولات بىرلەشمىسى، ياۋرۇپا ئاتوم ئىنىرگىيىسى بىرلەشمىسى ۋە ياۋرۇپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى قوشۇلۇپ،بىر ئىجرائىيە ئورگىنىغا ئايلاندۇرۇلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.