Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
水母
بىئولوگىيە
مېدۇزا
كەڭ مەنىلىك ئاتالغۇ. ئومۇمەن ئۈچەي قورساقلىق ھايۋانلار تىپى گىدرالار سىنىپى ۋە كۈنلۈكسىمان مېدۇزىلار سىنىپىدىكى بەزى ھايۋانلارنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە ئاساسەن كۈنلۈكسىمان مېدۇزىلارنى كۆرسىتىدۇ، ئۇلارنىڭ گىدرا ئەۋلادى تەرەققىي قىلمىغان ھەتتا رۇدىمېنتلىشىپ كەتكەن. مەسىلەن، ئايسىمان مېدۇزا، تېنى كۈنلۈك شەكلىدە ھەم ياپىلاقراق، دىئامېتىرى تەخمىنەن 10 - 30 سانتىمېتىر، سۈزۈك رەڭسىز، كۈنلۈكنىڭ گىرۋەكلىرىدە گىرۋەك پەردىسى بولماي سانسىزلىغان قىسقا ھەم كىچىك سېزىش بارماقچىلىرى بولىدۇ. سەككىز كەمتۈك يېرى كۈنلۈكنىڭ گىرۋىكىنى تەڭ سەككىز بۆلەككە بۆلىدۇ، ھەر بىر كەمتۈك يېرىدە بىر سەزگۈ ئاپپاراتى بولىدۇ. كۈنلۈكنىڭ ئىچكى تەرىپىنىڭ مەركىزىدە ئېغىزى، ئېغىزىنىڭ تۆت بولۇڭىدا تۆت تال ئېغىز بارماقچىسى بولىدۇ. ئېغىزىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئاشقازان سۇيۇقلۇقى بەدىنىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، تۆت تەرەپكە كېڭىيىپ تۆت دانە ئاشقازان خالتىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئاشقازان خالتىسىدىن يەنە تارماقلانغان ۋە تارماقلانمىغان رادىئال نەيچە چىقىپ، كۈنلۈك گىرۋىكىدىكى ئايلانما قاناللارغا تۇتاشقان بولىدۇ، تۆت دانە كۆپىيىش بېزى بولۇپ، ئات تۇيۇقى شەكىللىك، گۆش رەڭ. مېدۇزىلار مۇھىم دېڭىز مەھسۇلاتى بولۇپ، پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان. مەملىكىتىمىزنىڭ سىچۇەن، جېجياڭ، خۇبېي قاتارلىق جايلىرىدىكى تاتلىق سۇدا ياشايدىغان شاپتۇل گۈللۈك مېدۇزا (<شاپتۇل گۈللۈك بېلىق> دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ھەمدە دېڭىزدىن چىقىدىغان ئىلمەك بارماقلىق مېدۇزا قاتارلىقلار بولسا، گىدرالار سىنىپىدىكى مېدۇزىلار ھېسابلىندىۇ. گىدرالار سىنىپىدىكى مېدۇزىلارنىڭ بەدىنى ۋە كۈنلۈكىنىڭ گىرۋەكلىرىدە گىرۋەك پەردىسى بولىدۇ.
گىئولوگىيە
shuǐ mǔ
سىدوزاDئۇنىۋېرسال
shuǐ mǔ
مېدۇزا