Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
双占区
دۇنيا تارىخى
قوش ئىشغالىيەت رايون
ئامېرىكا، ئەنگلىيە دۆلەتلىرىنىڭ گېرمانىيىدىكى بىرلەشمە ئىشغالىيەت رايونى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن <پوتسىدام كېلىشىمى>گە ئاساسەن، يېڭىلگەن گېرمانىيە تۆت ئىشغالىيەت رايونىغا بۆلۈنۈپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا سابىق سوۋېت (شەرقىي قىسمىنى)، ئامېرىكا (غەربىي جەنۇبىي قىسىمنى)، ئەنگلىيە (غەربىي شىمالىي قىسىمنى)، فرانسيە(غەربىي قىسىمنى)دىن ئىبارەت تۆت دۆلەت باشقۇرغان ھەمدە تۆت دۆلەت باش قوماندانلىرىدىن تەركىب تاپقان ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ گېرمانىيىنى ئىدارە قىلىش كومىتېتى قۇرۇلغان. 1946 - يىلى 12 - ئايدا، ئامېرىكا - ئەنگلىيە بىرلىشىپ ئىشغال قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان ھەمدە 1947 - يىلى 1 - ئايدا <قوش ئىشغالىيەت رايونى>نى رەسمىي قۇرغان. 1948 - يىلى 2، 3 - ئايلاردا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە لوندون يىغىنى ئېچىپ فرانسىيە ئىشغالىيەت رايونىنى قوشۇپ <ئۈچ دۆلەت ئىشغالىيەت رايونى>قىلىشنى قارار قىلغان. 1949 - يىلى 5 - ئايدا، ئۈچ دۆلەت ئىشغالىيەت رايونى <گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى تۈپ قانۇنى> (ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇنى)نى ماقۇللىغان. 9 - ئايدا، ئۈچ دۆلەت ئىشغالىيەت رايونىدا گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان. شۇ يىلى 10 - ئايدا، سابىق سوۋېت ئىشغالىيەت رايونىدا گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.