Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
双眼视轴的幅合
پسىخولوگىيە
ئىككى كۆرۈش ئوقىنىڭ ماسلىشىشى
بۇ ئىككى كۆزنىڭ ئارىلىققا ھۆكۈم قىلىش ئىدرىكىگە تەسىر قىلىدىغان شەرتلەرنىڭ بىرى. يەنى بۇ بىر نەرسىگە قارىغاندا ئوبيېكتنىڭ سۈرىتى ئىككى كۆزنىڭ تور پەردىسىگە چۈشۈپ ئەكس ئەتتۈرەلەيدىغان سېزىمچانلىقى ئەڭ يۇقىرى رايون بولۇپ، بۇ جايدا كۆرۈنگەن ئوبراز ئېنىق بولىدۇ. ئىككى كۆرۈش ئوقى مەلۇم ماسلىشىش ھەرىكىتىنى چوقۇم ئورۇندىشى كېرەك. مانا بۇ خىل ھادىسە ئىككى كۆرۈش ئوقىنىڭ ماسلىشىشى دەپ ئاتىلىدۇ. يېقىن ئارىلىقتىكى جىسىمغا قارىغاندا كۆرۈش ئوقلىرى مەركەزلىشىشكە (يىغىلىشقا) يۈزلىنىدۇ. يىراقتىكى جىسىمغا قارىغاندا تارىلىشقا يۈزلىنىدۇ. ئىككى كۆرۈش ئوقىنى ماسلاشتۇرۇشنى تىزگىنلەيدىغان كۆز مۇسكۇلى ئوبيېكتنىڭ ئارىلىقى توغرىسىدىكى سىگنال بىلەن تەمىنلەيدۇ. كۆرۈش ئوقلىرىنىڭ ماسلىشىشى بىر قانچە ئون مېتىر ئارىلىق دائىرىسىدە رول ئوينىيالايدۇ. بەك يىراقتىكى جىسىمنى كۆزەتكەندە، كۆرۈش ئوقلىرى پاراللېللىققا يېقىنلىشىپ، ئارىلىقنى مۆلچەرلەشتە رول ئوينىيالمايدۇ. كۆرۈش ئوقلىرىنىڭ ماسلىشىش ھەرىكىتى، جىسىمنىڭ تور پەردىگە چۈشكەن سۈرىتىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ۋە كۆزنى تەڭشەشتىكى ماسلىشىش ھەرىكىتى بىلەن ئارىلىقنى توغرا ئىدراك قىلغىلى بولىدۇ.