Uyghurئاساسىي لۇغەت
شىش
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
زىخ؛ بىگىز، جۇۋالدۇرۇز:
ئاھكىم، كەتتى بۇ ئاخشام مېنى زار ئەتكەن يىگىت،
شىش پەرمىژگان بىلە جانىم فىكار ئەتكەن يىگىت.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
زىخ؛ قاپارچۇق. بۇرتمە، ئىشىق، ئۆسمە: شىشلاماق - زىخقا تىزماق، گۆشنى زىخقا ئوتكۈزمەك، سانجىماق؛ شىشىماق - قاپارماق، بۇرتۇپ چىقماق.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ئاغامچا تۈگۈنلىرىنى يېشىدىغان مۇڭگۇز ياكى ياغاچ زىق. بالىنىڭ ئىشى ئىش بولماس، ئوغلاقنىڭ مۈڭگۈزى شىش ( ماقال ).
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
شىش، چوكا.
تۇتماچ يەنى چۆپ يېيىلىدىغان ئەسۋاب.
2 - 411
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
كۆپمەك، چىڭقالماق
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قاپارغان؛ سېمىز
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال ساڭزا سالغاندا ئىشلىتىدىغان زىخ.
ئارغامچا تۈگۈنلىرىنى يېشىشتە ئىشلىتىلىدىغان مۇڭگۈز ياكى ياغاچ زىخ.