Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
شىرىلىق پەردە
دائىرە: بىئولوگىيە浆膜
jiāngmó
<سېروزا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ھەزىم قىلىش نەيچە يولى دىۋارى تۆت قەۋەت تۈزۈلۈشتىن يەنى شىللىق پەردە قەۋىتى، شىللىق پەردە ئاستىنقى قەۋىتى، مۇسكۇل قەۋىتى ۋە شىرىلىق پەردە قەۋىتىدىن تەركىب تاپقان. شىرىلىق پەردە قەۋىتى ئەڭ سىرتقى تەرىپىدىكى بىر قەۋەت بولۇپ، شالاڭ بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما ۋە بىر قەۋەتلىك ياپىلاق تېرە ئېپىتېلىيىسىنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن. سىرتقى يۈزى سىلىق. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئۇ قورساق بوشلۇقى، كۆكرەك بوشلۇقى، يۈرەك ئەتراپى بوشلۇقى قاتارلىقلارنىڭ ئىچكى يۈزىنى قاپلاپ تۇرىدۇ. شىرىلىق پەردە ئاجرىتىپ چىقارغان شىرىلىق سۇيۇقلۇق ئىچكى ئەزا ئورگانلىرىنى مۇقىملاش، قوغداش ۋە سىلىقلاشتۇرۇش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.