Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
شىراتورى كۇراكىچى
دۇنيا تارىخى
白鸟库吉
bái niǎo kù jí
(1865 - 9421) ياپونىيىلىك شەرق تارىخشۇناس. ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتورى. چىبا ناھىيىسىنىڭ موبارا شەھىرىدە تۇغۇلغان. توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكولتىتىنى پۈتتۈرگەن. ئۈگىش ئىنىستىتوتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1903 - يىلى ياۋروپادا ئوقۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىككىنچى يىلى توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. كېيىن ئىمپېرىيە ئالىملار يۇرتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1908 - يىلىدىن تارتىپ <مانجۇرىيە تۆمۈريولى> تارىخىنى تەكشۈرۈش كافېدراسىنى باشقۇرغان ھەمدە شەرقىي ئوكيان جەمئىيىتى ئىلمىي تەكشۈرۈش بۆلۈمىنى قۇرۇپ، <شەرقىي ئوكيان ئىلمىي ژورنىلى>نى نەشىر قىلغان. شەرقىي ئوكيان ئەدەبىيات خەزىنىسىنى قۇرغان. ئوتتۇرا ئاسىيا، چاۋشيەن، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالى، مۇڭغۇلىيە تارىخىنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلغان. غەربىي يۇرت تارىخى تەتقىقاتى جەھەتتە يۈكسەك سەۋىيىگە ئىگە. ئاساسلىق ئەسەرلىرى: <مانجۇرىيە تارىخى جۇغراپىيىسى>، <چاۋشيەن تارىخى جۇغراپىيىسى>، <غەربىي يۇرت تارىخى تەتقىقاتى> قاتارلىقلار. كېيىن ئون توملۇق <شىراتورى كۇراكىچى ئەسەرلىرى> نەشىر قىلىنغان.