Uyghurئاساسىي لۇغەت
شىق
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بۆلەك، پارچە (بىر نەرسە ئوتتۇرىدىن بۆلۈنسە ئىككى شىق بولىدۇ، بىرى شىق ئەۋۋەل، بىرى شىق سانى).
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
فون گابائىننىڭ كۆرسىتىشىچە، شىق خەنزۇ تىلىدىكى <石> دىن كەلگەن بولۇپ، ئەسلى ھەجىم ئۆلچەم بىرلىكىنىڭ نامىدىن كەلگەن بىر شىق 10 كۈرىگە تەڭ. ئۇ يەر مەيدانى ئۆلچىمى بولۇپ كەلگەندە بىر شىق يەر = 10 كۈرە ئۇرۇق چېچىلىدىغان يەر بولغان.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
فون گابائىننىڭ كۆرسىتىشىچە شىق خەنزۇ تىلىدىكى <石> دىن كەلگەن بولۇپ، بىر <شىق> 10 كۈرىگە تەڭ بولىدۇ. <خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە لۇغەت> تە بىر <石> - دادەن دەپ تەرجىمە قىلىنغان ۋە بىر 石 10 كۈرەگە تەڭ دېيىلگەن.
تۇرپاندىن تېپىلغان ئىجتىمائىي - ئىقتىسادقا دائىر ھۆججەتلەردە <توققۇز شىق ئالتى كۈرى>، <ئىككى شىق تېرىق> دېگەندەك ئىبارىلەر بار. دېمەك <شىق> - <كۈرى> (كۈرە) دىن چوڭ. ئۇ يەنە يەر كۆلىمىنى ئىپادىلەشتىمۇ قوللىنىلغان. <بىر شىق يەر = بىر دادەن ئۇرۇق چېچىلىدىغان يەر> بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
چۈرۈل نەرسىلەرنىڭ سۇنۇشى، قاتتىق نەرسىلەرنىڭ ئۆزئارا سوقۇلۇشى قاتارلىقلاردىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.