Uyghurئاساسىي لۇغەت
شىپⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ① ماڭغان چاغدا قەدەمنىڭ يەرگە يەڭگىل ۋە سىلىق چۈشۈشىدىن ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ھەرىكەتلەردىن ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] نېرىقى ئۆيدە يېنىۋاتقان شامنىڭ نۇرى دېرىزىنىڭ يوچۇقىدىن پىلىلداپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئەمما «شىپ» قىلغان تاۋۇشمۇ ئاڭلانمايتتى.[يەشمىسى:] ② ماگنىتنىڭ ئۇششاق تۆمۈر پارچىلىرىنى ئۆزىگە تارتىش ھالىتى قاتارلىقلارنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ماگنىت بىر تال كىچىك يىڭنىنى شىپ قىلىپ تارتىۋالدى.