Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
شوتلاندىيە قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
苏格兰起义
sū gé lán qǐ yì
1637 - 1640 - يىللىرى شوتلاندلارنىڭ ئەنگىلىيە كورۇلى چارلىس Ⅰ نىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان قوزغىلىڭى. 1603 - يىلى شوتلاندىيە كورۇلى جامېس Ⅵ قوشۇمچە ئەنگىلىيەنىڭ كورۇلى بولغاندىن كېيىن، گەرچە ئىككى دۆلەتنىڭ كورۇلى بىر بولغان بولسىمۇ، لېكىن شوتلاندىيە ئىچكى سىياسەت ۋە دىنىي جەھەتتىن ئۆزىنىڭ مۇئەييەن مۇستەقىللىكىنى ساقلاپ قالغان. 1637 - يىلى چارلېسىنىڭ مۇددىئاسى بويىچە كېنتبېرىنىڭ ئارخېئېپىسكوپىلۇد (1573 - 1645) شوتلاندىيە چېركاۋىنى (پرۇسۇتېرىئاللىق) ئەنگىلىيە دۆلەت دىنىنىڭ ئېپىسكوپلۇق تۈزۈمى، ئىبادەت رەسىم - قائىدىلىرى بويىچە دۇئا - تىلاۋەت قىلىشقا مەجبورلاپ، قوزغىلاڭنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان. چارلېس باستۇرۇشقا قوشۇن ئەۋەتىپ مەغلۇپ بولغان. 1639 - يىلى شوتلاندلار ئەنگىليەنىڭ شىمالىي قىسمىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى تارمار قىلغان. چارلېس ئۇرۇش خىراجىتى توپلاش، يېڭى ئارمىيە تەشكىللەش ئۈچۈن 1640 - يىلى 4 - ئايدا پارلامېنت (قىسقا مۇددەتلىك پارلامېنت) چاقىرماقچى بولۇپ، مۇددىئاسىغا يېتەلمەي 5 - ئايدا پارلامېنتنى تارقىتىۋەتكەن. شۇ يىلى 8 - ئايدا شوتلاندلار يەنە ھۇجۇم قوزغىغان. چارلېس ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن يەنە بىر نۆۋەت پارلامېنت (ئۇزاق مۇددەتلىك پارلامېنت) چاقىرغان. بۇرژۇئازىيە بىلەن يېڭى ئاقسۆڭەكلەر پارلامېنتتىن پايدىلىنپ، مۇستەبىتچىلىككە قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرغان، شۇنىڭ بىلەن ⅦⅩ ئەسىردىكى ئەنگىلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنڭ مۇقەددىمىسىنى باشلاپ بەرگەن.