Uyghurئاساسىي لۇغەت
شورلۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەقدىر يامانلىق.
چۆجىنىڭ شۇملۇقىدىن توخۇدا ئەمچەك يوق. شورلۇق بېشىم ساقايماس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. شور قىسمى كۆپ، شور قاپلاپ كەتكەن.
لاينىڭ شورلۇق خۇسۇسىيىتىدىن پايدىلىنىپ ھەرە چاققان جايلارغا چاپلاپ ئاغرىقنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.
ئى. تۇز تەركىبى كۆپىيىپ يۈزى شورلىشىپ كەتكەن يەر.
ئۆيىمىزنىڭ ئارقا تەرىپىدە بىر كەڭ شورلۇق بار ئىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. بەختسىز، بىچارە؛ پېشانىسى تەتۈر، تەلەيسىز.
ئۇنىڭ شورلۇق ئائىلىسىمۇ ئىككى ئاي ئىلگىرى نەگىدۇر تارقاقلاشتۇرۇلۇپتۇ.
ئى. كېلىشمەسلىك، بەختسىزلىك، پالاكەتلىك، بالايىئاپەت.
- ئەمدى ماڭا كەلدى بۇ شورلۇق دېگىنە؟ - دېدى ئۇ پېشانىسىگە مۇشتلاپ ئازاب بىلەن خىرقىراپ.