Uyghurئاساسىي لۇغەت
شولا پالاقلىق بېلىقلار
بىئولوگىيە
ئاكتىنوپتېرىگلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ھەقىقىي ئېغىزلىق بېلىقلارنىڭ ئاساسلىق بىر تۈركۈمى. بەزىدە <شولا پالاقلىقلار كەنجى سىنىپى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىسكىلىتىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قاتتىق سۆڭەك، پالاقچىسىنى ھەقىقىي تېرە خاراكتېرلىك شولىسىمان پالاقچە تالچىلىرى تىرەپ تۇرىدۇ، ئىچكى بۇرۇن تۆشۈكى يوق، بويۇن پلاستىنكىسى يوقالغان. تېنىنى كۆپىنچە يۇمىلاق ياكى ھەرە چىشلىق تەڭگىچىلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ. تاشقا ئايلانغان قالدۇقى ئەڭ دەسلەپ ئوتتۇرا دېۋون دەۋرىدىن تېپىلغان. بەش خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ؛ قەدىمكى ترېسكا - Palaeonisci لارنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقى. بۇلار ئەڭ ئىپتىدائىي تۈركۈمى ھېسابلىنىدۇ. كۆپ پالاقلىقلار - Polypteri لارنىڭ كۆكرەك پالاقچىسىنىڭ تۈۋىدە گۆشلۈك ياپراقچىسى بولىدۇ. لېكىن چوتكا پالاقلىق بېلىقلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇنىڭ كۆكرەك پالاقچىسىنىڭ ئىسكىلىتىنىڭ كۆپىنچىسى قاتتىق سۆڭەك بولىدۇ. دۈمبە پالاقچىسى نۇرغۇنلىغان كىچىك پالاقچىلاردىن تەركىب تاپقان، تېنىنى قاتتىق تەڭگىچىلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ، پۈۋىكى ئارقىلىق ھاۋادىن نەپەسلىنەلەيدۇ، يۈرىكىدە ئارتېرىيە كونۇسى، ئۈچىيىدە سپىرال كلاپانى بولىدۇ، ئىچكى بۇرۇن تۆشۈكى ۋە كلوئاكا بوشلۇقى يوق. مەسىلەن، كۆپ پالاقچىلىق بېلىق (پولىپتېرۇس) ۋە قومۇشلۇق يىلانبېلىقى قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئافرىقىدىكى تاتلىق سۇلاردا ياشايدۇ. كۆمۈرچەكلىك، قاتتىق تەڭگىچىلىك بېلىقلار (Chondrostei) - بەدىنى ئۇزۇن - ئۇرچۇقسىمان. ئەگرى قۇيرۇق، ئۈستۈنكى ياپرىقى تىكەنسىمان قاتتىق تەڭگىچىسى بولىدۇ. تېنى يالىڭاچ ياكى بەش قاتار قاتتىق قاسىراققا ئورالغان. ئىسكىلىتىنىڭ كۆپچىلىكى كۆمۈرچەك، لېكىن باش قېپىنىڭ ئۈستىنى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان پەردە سۆڭەك قاپلاپ تۇرىدۇ، ئومۇرتقىسىدا ئومۇرتقا تەنىسى بولمايدۇ. ئېغىزىنىڭ ئاستى تەرىپىدە تەرەققىي قىلغان تۇمشۇق ئۆسمىسى بولىدۇ. مەسىلەن بىكرى بېلىقى، خۇسۇ بېلىقى ۋە ئاق بىكرى قاتارلىقلار. تولۇق سۆڭەكلىكلەر (خولوستېي، Holostei) - سۆڭەكلىشىش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى، تۆۋەنكى جاغى بىر قاتار ئىسكىلىت سۆڭەكلىرىدىن تەركىب تاپقان. قۇيرۇقى سەل ئەگرى، ئۈچىيىدە سپىرال كلاپانى، يۈرىكىدە ئارتېرىيە كونۇسى بولىدۇ. كېكىرتەك پلاستىنكىسى بار، تېنىنى يۇمىلاق تەڭگىچىلەر ياكى قاتتىق تەڭگىچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. شىمالىي ئامېرىكىنىڭ سازلىق سۇ زۇنلىرىدا ياشايدىغان ئاميا كالۋا بېلىقى يۈرىكى ئارقىلىق ھاۋادىن نەپەسلىنەلەيدۇ؛ لېپىدوستېئۇس بېلىقى يىرتقۇچ بېلىقلاردىن بولۇپ شىمالىي، ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى تاتلىق سۇ زۇنلىرىغا تارقالغان. ھەقىقىي سۆڭەكلىكلەر (Teleostei) تولۇق سۆڭەكلەشكەن. ئومۇرتقا تېنى تەرەققىي قىلغان، تۆۋەنكى جاغى چىش سۆڭىكى، بوغۇم سۆڭىكى ۋە بۇرجەك سۆڭەكلىرىدىن تەركىب تاپقان. تېنى كاھىشسىمان سۆڭەك تەڭگىچىلەرگە قاپلانغان ئارتېرىيە كونۇسى رۇدېمېنتلاشقان بولۇپ، تەرەققىي قىلغان ئارتېرىيە شارچىسى بولىدۇ. ئۈچىيىدە سپىرال كلاپانى يوق، قۇيرۇق شەكلىدە بولۇپ، ھازىرقى زاماندىكى مۇتلەق كۆپچىلىك بېلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.