Uyghurئاساسىي لۇغەت
شويلا
ئۇيغۇر تائاملىرى
گۈرۈچ 500 گرام، زىرە مۇۋاپىق، گۆش 500 گرام، زەنجىۋىل سۈيى مۇۋاپىق، ياغ 175 گرام، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، سەۋزە 500 گرام، يۇمغاقسۈت ئازراق، پەمىدۇر ئىككى تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
1. گۆشنى ئىككى سانتىمېتىر چوڭلۇقتا، سەۋزىنى ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ، پىياز يالپاق، پەمىدۇر چوڭ - چوڭ پارچىلاپ توغرىلىنىدۇ. گۈرۈچ ئىسسىق سۇدا 3-2 قېتىم يۇ
يۇلىدۇ
2. قازانغا ياغ قۇيۇپ 8-7 دەرىجە قىزىتىپ داغلاپ، گۆشنى سېلىپ قىزارغىچە قورۇلىدۇ، كېيىن پىيازنى سېلىپ سارغايتىپ، پەمىدۇرنى، سەۋزىنى سېلىپ قورۇپ، تۇز ۋە سۇ قۇيۇپ قاينىتىلىدۇ. زىرە، كاۋاۋىچىن ۋە زەنجىۋىل سۈيىنى سېلىپ تەمىنى تەڭشىگەندىن كېيىن، گۈرۈچنى سېلىپ تېز - تېز ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرۇلىدۇ. ئەگەر سۇ يېتىشمىسە يەنە
قايناق سۇ قۇيۇشقا بولىدۇ. ئاشنىڭ سۈيى تۈگەپ گۈرۈچمۇ پىشقاندا، ئوت 15-10 مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ.
3. ئاش تەييار بولغاندا لېگەنگە ئۇسۇپ، ئۈستىگە يۇمغاقسۈت سېپىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
سەۋزىنى مايدا قورۇپ، سۇ قوشۇلغاندىن كېيىن گۈرۈچ سېلىنىپ، پەس ئوتتا مەلۇم ۋاقىت قايناتقاندىن كېيىن دۈملەپ پىشۇرۇلىدىغان بىر خىل تاماق. ئۇ شوۋىگۈرۈچتىن قۇيۇقراق،پولۇدىن يۇمشاقراق بولىدۇ.