Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
شوگنات ھاكىمىيىتى
دۇنيا تارىخى
幕府政治
mù fǔ zhèng zhì
سامورايلىق ھاكىمىيەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياپونىيەنىڭ فېئوداللىق دەۋرىدىكى بىرخىل ھەربىي ئىستىبىداتلىق سىياسىي فورماتسىيىسى. بۇ ھەربىي ئىستىبدات <چەت ئەلگە قارىتا جازا يۈرۈش قىلغۇچى چوڭ سىياگۇن>دەپ، ئۇنىڭ تۇرۇشلۇق جايى (<شوگنات>، سىياگۇن يۈرۈشكە چىققان چاغدا تۇرىدىغان قارارگاھ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ)دەپ ئاتالغان. شوگنات دەۋرىدە ئوردىنىڭ ھۆكۈمرنلىق ھوقۇقى پۈتۈنلەي شوگناتقا تەۋە بولۇپ، تېننو قورچاققا ئايلىنىپ قالغان. بۇ تۈزۈم 1192 - يىلى كاماكۇرا شوگونلۇقى قۇرۇلغان چاغدىن باشلىنىپ تاكى 1867 - يىلى ئىدۇ شوگونلۇقىدىن توكۇگاۋا ھوقۇقىنى تېننوغا قايتۇرۇپ بېرىشكە مەجبور بولغانغاقەدەر داۋاملاشقان. ئىككىنچى يىلى مىلى يېڭىلىقى بولغان. بۇ جەرياندا كاماراكۇرا شوگۇنلۇقى (1192 - 1333)، مۇروماچى شوگۇنلۇقى(1338 - 1573) ۋە ئىدو شوگۇنلۇقى (1603 - 1867) بولۇپ ئۆتكەن.