Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
شۆجۇ
دائىرە: دۇنيا تارىخى雪舟
xuě zhōu
(1420 - 1506) ياپونىيەنىڭ مۇروماچى دەۋرىدىكى رەسسام. بىتچو (ھازىرقى ئوكاياما ناھىيىسى) ئاكۇزالىق. فامىلىسى كودا، بالىلىق دەۋرىدە كيوتودىكى شياڭگو ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ، كاسۇگاخاياشىغا ئەگىشىپ راھىب بولغان. ئىسمى دېڭياڭ، ئۇ يەنە جۇۋېندىن سۇ بوياق رەسساملىقىنى ئۆگەنگەن. كېيىن شەنكۇغا كۆچۈپ بېرىپ، يۇەن سۇلالىسى راھىبى چۇشى فەنچىنىڭ <شۆجۇ> دېگەن ئىككى خېتىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنى تەخەللۇسى قىلىۋالغان. 1467 - يىلى مىڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچى چىڭچى چۈشكەن كىمە بىلەن جۇڭگودىكى نىڭبوغا كىلىپ، تيەنتۇڭشەندىكى جىڭدې ئىبادەتخانىسىغا بارغان، شۇنداقلا بېيجىڭغا بېرىپ داڭلىق سۈرەتلەرنى تەقلىد قىلىپ سىزغان ھەمدە يېڭى سۈرەتلەرنى سىزغان. 1469 - يىلى ئەلچى بىلەن ۋەتىنىگە قايتقان. 1486 - يىلىدىن كېيىن شەنكۇدىكى يۇنگۇشۇەندە ئولتۇراقلاشقان. ئۇنىڭ <تاغ - دەريالار>، <كەچ كۈزدىكى تاغ - دەريالار>، <ئاسما كۆۋرۈك> دېگەنگە ئوخشاش داڭلىق سۈرەتلىرى بار.ئۇ سۈرەت سىزىشتا جۇڭگودىكى مايۇەن، شياگۇي قاتارلىقلارنىڭ ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلغان، لېكىن يەنە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبنى شەكىللەندۈرگەن، ياپونىيىنىڭ سۇ بوياق سۈرەتچىلىكىگەچوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. 1956 - يىلى دۇنيا تىنچلىق كېڭىشى ئۇنى دۇنيا مەدەنىيىتىدىكى مەشھۇر كىشىلەرنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتكەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.