Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
شىمازاكى فۇجىمۇرا
دائىرە: دۇنيا تارىخى岛崎藤村
dǎo qí téng cūn
(1872 - 1943) ياپونىيىلىك يازغۇچى ۋە شائىر. مېيجى قىزلار مەكتىپى، شەرقىي شىمال ئىنستىتۇتى ۋەكومورو دارىلئېتامىدا مۇئەللىم بولغان. دەسلەپ <يۇمران مايسىلار>، <يوپۇرماق قېيىق>،<ياز گىياھلىرى>، <تۆكۈلگەن قارىئۆرۈك> ناملىق شېئىرلار توپلاملىرىنى يېزىپ چىقىپ، مۇھەببەت، تەبىئەت ۋە دېھقانلارنىڭ دەرد - ئەلەملىرىنى تەسۋىرلەپ، فېئوداللىق ئاڭغا قارشى تۇرغان ۋە رومانتزملىق تۈسكە ئىگە بولغان. كېيىنرەك نەسىر ۋە ھېكايىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، رېئالىزمچىغا ئايلانغان، ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرىدىكى ئەسەرلىرىدىن: <ئەمرىمەرۇپلارنى بۆسۈش>، <باھار>، <ئائىلە>، <يېڭى ھايات>، <تاڭ ئالدىدا> قاتارلىق رومانلىرى بار. ھاياتىنىڭ كېيىنكى يىللىرى ياپونىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، ئىمپېرىيە سەنئەت ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. كېيىنرەك 18 توملۇق <شىمازاكى فۇجىمۇرا ئەسەرلىرى> نەشىر قىلىنغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.