Uyghurئاساسىي لۇغەت
شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام جەمئىيىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىمالىي ئامېرىكىدىكى رايون خاراكتېرلىك پان ئىسلام تەشكىلاتى بولۇپ، 1981 - يىلى 7 - ئايدا ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا شتاتىدا قۇرۇلدى. باش ئورگىنى مۇشۇ شتاتتىكى پلاينمېيلدتا تەسىس قىلىندى. مەقسىتى: ئىسلام ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، شىمالىي ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئىسلامچە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىش، دىننى پائال تەرغىب قىلىش، زور كۈچ بىلەن مەبلەغ توپلاپ، ئىسلام مۇلازىمەت ئورگانلىرىنى قۇرۇش، باشقا رايونلاردىكى مۇسۇلمانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشتن ئىبارەت. بۇ تەشكىلاتقا ئامېرىكا ۋە كانادادىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى، ئامېرىكا ۋە كانادادىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرى جەمئىيتى، ئىجتىمائىي پەنلەردىكى مۇسۇلمان مۇتەخەسسىسلەر جەمئىيىتى، مۇسۇلمان ئالىملار ۋە ئىنژېنېرلار جەمئىيىتى، ئىسلام تېببىي داۋالاش جەمئىيىتى قاتارلىقلار ئەزا بولدى.