Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
始祖鸟
دىن
shǐ zǔ niǎo
بوۋا قۇش
بىئولوگىيە
ئىپتىدائىي قۇش
<بوۋىقۇش> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئىلمىي ئاتىلىشى <ئىپتىدائىي قاناتلىق قۇش>. قەدىمكى قۇشلار كەنجى سىنىپىغا كىرىدۇ. ھازىرغىچە تېپىلغان ئەڭ قەدىمكى قۇشلار بولۇپ، يۇرا دەۋرىدىكى يەر قاتلاملىرىدىن چىققان. تېنىنىڭ چوڭلۇقى قاغىچىلىك بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى پەيلەرگە قاپلانغان، پەيلىرى بىرىنچى ئۇچۇش پېيى ۋە ئىككىنچى ئۇچۇش پېيى دەپ بۆلۈنۈپ قۇشلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى 38 - 45 سىلتسىيە گرادۇس ئارىلىقىدا مۇقىملاشتۇرۇپ ساقلىغان. ئالدى پۇتى قاناتقا ئايلانغان، كەينى پۇتى تۆت بارماقلىق بۇلۇپ، ئۈچ بارمىقى ئالدىغان، بىر بارمىقى كەينىگە قارىغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىپتىدائىي قۇشنىڭ قۇشلارغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن ئۇ يەنە يەر باغىرلىغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگىمۇ ئىگە؛ ئالدى پۇتىدا ئايرىلىپ تۇرىدىغان ئۈچ تال بارماق سۆڭىكى، بارماق ئۇچىدا تىرناقلىرى بولغان. قۇيرۇقى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، 8 - 21 دانە قۇيرۇق ئومۇرتقىسىدىن تۈزۈلگەن، جاغلىرىدا ئۇچلۇق ۋە ئۆتكۈر ئۇششاق چىشلىرى بولىدۇ. قوۋۇرغىسىدا ئىلمەك ئۆسمىسى بولمايدۇ. تۆش سۆڭىكى تەرەققىي قىلمىغان، دۈمبە ۋە قورساقلىرىدىكى ئومۇرتقا سۆڭەكلىرىمۇ ھازىرقى قۇشلارنىڭكىگە ئوخشاش ئۇنداق ئۆز ئارا قوشۇلغان بولماستىن يەر باغىرلىغۇچىلارنىڭكىگە ئوخشاش بولغان. شۇڭا ئىپتىدائىي قۇشلار يەر باغىرلىغۇچى ھايۋانلاردىن قۇشلارغىچە بولغان ئۆتكۈنچى تىپ ھېسابلىنىدۇ. 1861 - يىلى گېرمانىيە باۋارىيە ئۆلكىسىنىڭ سورىنخوف يېنىدىكى يۇرا دەۋرى يەر قاتلىمىدىن ئىپتىدائىي قۇشنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقى تۇنجى قېتىم تېپىلىپ نامى (Archaeopteryxlithographica) قىلىپ بېكىتىلىپ لوندون مۇزېيىدا ساقلانغان. 1877 - يىلى تېپىلغان ئەۋرىشكىسى Archaeonis siemensi بولسا، بېرلىن مۇزېيىدا ساقلانماقتا. ھازىرغىچە دۇنيا بويىچە ئىپتىدائىي قۇش تاش قالدۇقى ئەۋرىشكىسىدىن بەش دانىسى تېپىلدى.
گىئولوگىيە
shǐ zǔ niǎo
بوۋا قۇشDتەبىئىي جۇغراپىيە
shǐ zǔ niǎo
بوۋىقۇشDئۇنىۋېرسال
shǐ zǔ niǎo
ئىپتىدائىي قۇش، بوۋىقۇش