Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
氏族继承法
دۇنيا تارىخى
ئۇرۇق ۋارىسلىق قىلىش قانۇنى
ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىدىكى مال - مۈلۈكككە ۋارىسلىق قىلىش پرىنسىپى ۋە ئۇسۇلى. مورگان شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئىندىئانلار، لاتىنلار، قەدىمكى گرېكلار ۋە ئىبراي قەبىلىلىرىنىڭ مال - مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىشنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۈچ خىل ۋارىسلىق قىلىش قانۇنىنى ئوتتۇرىغا قويغان: 1. ئۇرۇق ۋارىسلىق قىلىش. يەنى ئۆلگۈچىنىڭ بارلىق مال - مۈلكىگە شۇ ئۇرۇقنىڭ بارلىق ئەزالىرى ۋارىسلىق قىلىپ بۆلۈشۈۋېلىش. بۇ نادانلىق دەۋرىدىكى ماترىئارخاللىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى يىغىش، ئوۋچىلىق قاتارلىق ئىگىلىك شارائىتىغا ۋە توپ نىكاھلىنىشتەك ئائىلە شەكلىگە ماسلاشقان. ئەينى چاغدا مال - مۈلۈكلەرنىڭ سانى، خىللىرى چەكلىك بولغانلىقتىن، ئۆلگۈچىنىڭ مال - مۈلكىگە ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئانا تەرەپ يېقىن تۇغقانلىرى ۋارىسلىق قىلغان. ئەر - ئايال ئوتتۇرىسىدا ۋە ئاتا - بالا ئوتتۇرىسىدا ئۇلار باشقا - باشقا ئۇرۇقلارغا مەنسۇپ بولغانلىقتىن، مال - مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش مۇناسىۋىتى بولمىغان. 2. ئۇرۇقداشلار ۋارىسلىق قىلىش. يەنى، ئۆلگۈچىنىڭ مال - مۈلكىنى ئۇرۇقداشلر ئىچىدىكى توغقانلىرىغا بۆلۈپ بېرىش (ئاساسلىقى ئۆلگۈچىنىڭ ئاكا - ئۇكا، ھەدە - سىڭىل قاتارلىق يېقىن تۇغقانلىرى)، ئۇرۇقنىڭ باشقا ئەزالىرى بولسا بۇنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغان. بۇ ۋارۋالىق دەۋرنىڭ تۆۋەن باسقۇچىدا مەيدانغا كېلىپ، ۋارۋارلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچىدا ئەۋج ئالغان. دەسلەپتە ئانىلىق ئۇرۇقداشلر ۋارسىلىق قىلغان بولسا، كېيىنچە ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيەتكە ئۆتكەندىن كېيىن ئاتىلىق ئۇرۇقداشلار ۋارىسلىق قىلىدىغان بولغان. بۇ ئومۇمەن ئىپتىدائىي دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىقتىسادى شۇنداقلا جۈپ نىكاھلىق ئائىلە شەكلىگە ماس كەلگەن. مال - مۈلۈك دائىرىسى ئاددىي سايمانلار، تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىن چارۋا پادىلىرى، ئۆي - جاي قاتارلىقلارغا كېڭەيگەن. 3. پەرزەنتلىرى ۋارىسلىق قىلىش. يەنى ئۆلگۈچىنىڭ مال - مۈلكىگە ئالدى بىلەن ۋە تامامەن ئاتا جەمەت پەرزەنتلىرى ۋارىسلىق قىلغان. ئۆلگۈچىنىڭ ئوغلى بولمىسا قىزى ۋارىسلىق قىلغان. ئەگەر پەرزەنتى بولمىسا، ئۇرۇقداشلىرى ۋارىسلىق قىلغان، ئۇرۇقداشلىرى بولمىسا ئۇرۇقتىكى باشقا ئەزالار ۋارىسلىق قىلغان. بۇ ۋارۋارلىق دەۋرىنىڭ يۇقىرى باسقۇچىدىكى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان تېرىقچىلىق، چارۋىچىلىق ئىگىلىكى، شۇنداقلا بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمدىكى ئائىلە شەكلىگە ماسلاشقان. مال - مۈلۈك دائىرىسى: چارۋا پادىلىرىدىن يەرگىچە كېڭەيگەن. ئۇرۇق ۋارىسلىق قىلىش قانۇنى يەنىلا قەدىمكى ئادەت قانۇنىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۈچ خىل ۋارىسلىق قىلىش، پەقەتلا ئۆز ئۇرۇقدىشى ئىچىدىكى ۋارىسلىق قىلىشنى پرىنسىپ قىلغان، ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنىڭ دائىرىسىمۇ بارغانچە كىچىكلەپ بارغان.