Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
施坦弗利
دۇنيا تارىخى
ستامپفلى
(1820 - 1879)شۋىتسارىيە ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى (1856، 1859، 8621). نامرات دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. دەسلەپكى يىللىرى بېرنىيىدا قانۇن مەكتىپىدە ئوقۇغان. بېرنىيىدا ئادۋوكات بولغان ھەمدە <بېرن گېزىتى> نى نەشىر قىلغان. 1849 - 1850 - يىللىرى بېرنىي شەھەر باشلىقى بولغان. كېيىن ئەدلىيە مىنىسترى (1855)،مالىيە مىنىستىرى (1857، 1858)، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى (1860، 1861، 1863) بولغان. 1862 - يىلى شۋىتسارىيە تۆمۈريولىنى دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىشنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىپ، ئېسچېرنىڭ خۇسۇسىي كارخانىلار تۆمۈريول قۇرۇش تەشەببۇسى بىلەن قارشىلاشقان، ئەمما ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، مەغلۇپ بولغان. 1875 - يىلى قايتا مىللىي پارلامېنتقا كىرىپ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن.