Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
侍所
دۇنيا تارىخى
ياساۋۇل مەھكىمىسى
ياپونىيە كاماكۇرا، مۇروماچى دەۋرىدىكى شوگنات قارىمىقىدىكى مەھكىمە. خېيئان دەۋرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، خان جەمەتى، خانىكە، شاھزادە، نائىب، ھاكىم، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار قاتارلىقلارنىڭ ئائىلە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئورگىنى. 1180 - يىلى مىناموتويورىتومودىن باشلاپ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۆزىگە قاراشلىق سامۇرايلارنى باشقۇرغان ھەم كاماكۇرانى مۇھاپىزەت قىلغان. بۇ ئورگاننىڭ باشلىقى بېتتو (باش ياساۋۇل بېگى)، مۇئاۋىنى مەھكىمە باشلىقى دەپ ئاتالغان. ۋاتايوشىمورى تۇنجى بېتتو بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن كىتاجۇ جەمەتى ھوقۇق تۇتۇشنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان. ھوقۇق تەدرىجىي چوڭايغان. مۇروماچى دەۋرىدىكى ئاشىكاگا يوسمىتىسۇ مۇشۇنىڭغا تەقلىد قىلىپ ياساۋۇل مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، ھەربىي ئىشلار، جىنايى ئىشلار ۋە پايتەختنى مۇھاپىزەت قىلىشقا مەسئۇل قىلغان. باشلىقى مەھكىمە باشلىقى دەپ ئاتالغان. يامانا، ئاكاماتسۇ، ئىچىشىكى ۋە كىگوكودىن ئىبارەت تۆت جەمەت نۆۋەتلىشىپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇ <تۆت ۋەزىپە> دەپ ئاتالغان. ئوشنوبۇ توپىلىڭىدىن كېيىن ھوقۇقى ئاجىزلاشقان.