Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
施佩曼
دۇنيا تارىخى
سپېمان
(1869 - 1941) گېرمانىيىلىك بىئولوگ، ھايۋاناتلار تۆرەلمىسىنىڭ <تەشكىللىگۈچىسى>نى تاپقۇچى. شتۇتگارتتا تۇغۇلغان. روستوك داشۆسى، فرېيبېرگ داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان ۋە ۋىليام خانلىق ئاكادېمىيىسى بىئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. دەسلەپكى يىللىرى بوۋاقنىڭ چېچىدىن پايدىلىنىپ، سەمەندەرنىڭ تۇخۇمدىنىنى بۇغۇش تەجرىبىسىنى ئىشلەپ، دەسلەپكى باسقۇچتىكى تۆرەلمىنىڭ ھەرقايسى ھۈجەيرە يادرولىرىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئىقتىدارى جەھەتتە ھېچقانداق پەرق بولمايدىغانلىقىنى بايقىغان، شۇنىڭدىن كېيىن، يەنە قوش ماكانلىقلارتىپىدىكى ھايۋانلارنىڭ ئەسلىدىكى ئۈچەي تۆرەلمىسىنىڭ ئارقا لىۋىمۇ <تەشكىللىگۈچى> رولىنى ئوينىيالايدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ كەشپىيات تەجرىبە تۆرەلمىشۇناسلىق ئۈچۈن يېڭى مەنزىل ئېچىپ بەرگەن. 1935 - يىلى نوبىل بىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن: <ئۆسۈپ يېتلىش نەزەرىيىسىگە دائىر تەجرىبىلەردىن تۆھپىلەر> قاتارلىقلار بار.